ئەلچى ئۇقتۇرۇشى

ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەتچىلىگى دوستلارنىڭ سەممىي تەكلىپ - پىكىر بىرىشىنى ئۈمد قىلىدۇ.

يېڭى مەھسۇلاتلار

دوستانە ئۇلىنىش

ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە باش بەت > سۆز قالدۇرۇش
سۆز قالدۇرىمەن    جەمئى 57 بار
ئۆمەرجان
ئىسمى:ئۆمەرجان
Email : umar521@163.com
QQ : 1504013020
[ۋاقتى:2011-2-15 7:38:00]
تېمىسى:مەسلەھەت سورايمەن
    
بۇ تور بەت ياخشىكەن ،لېكىن خۇتەنگە يەتكۈزۈلمەيدىكەن ..... خۇتەنگىمۇ يەتكۈزۈلسە ؟
بېكەت باشلىقىنىڭ جاۋابى:
بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز ، ئۇزۇنغا قالماي خوتەنگە گۈل يەتكۇزۇشمۇ ئەمەلگە ئاشقۇسى !
ئىزدەن
ئىسمى:ئىزدەن
Email : 569097020@qq.com
QQ : 569097020
[ۋاقتى:2011-2-10 19:25:39]
تېمىسى:پىكىر-تەكلىپ
    
1.  بارىلىق گۈل نۇسىخىلىرىڭلار ۋە باھاسىنى ئېنىق ئېلان قىلساڭلار بەلكىم ئوخشىمىغان خېرىدارلار ئىتىياجىغا قاراپ ئاسانلا تاللىيالىشى مومكىن .
2.ھەرخىل گۈللەرنىڭ مەنىسى ۋە سوۋغا قىلىش ئوبكىتىلىرىنى ئېنىق تىزىملىك بىلەن ئېلا قىلساڭلار .
3. كىلەر قېتىملىق پائالىيەتتە موكاپات سوممىسىنى سەل يۇقىرى قىلساڭلار ، تېخمۇ ياخشى پىكىرلەرنى ئېيتىپ بىرىمەن (چاقچاق)
بېكەت باشلىقىنىڭ جاۋابى:
پائالىيتمىزگە قاتناشقىنىڭىزغا رەھمەت ! سىزگە ئامەت يار بولغاي
جالالدىن
ئىسمى:جالالدىن
Email : 1050064004@qq.com
QQ : 1050064004
[ۋاقتى:2011-2-7 15:05:12]
تېمىسى:تەكلىپ
    
سىلەرنىڭ بۇ ئىشىڭلار تور دۇنياسىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا  بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپتۇ ،شەخسەن مەن بەك خوش بولدۇم ،
   ئاساسىي گەپكە كەلسەك ،بىرىنچى چوقۇم خېرىدارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سودا قىلىڭلار ،  مانچە پۇل ،ئانچە پۇل دىمەي ،خېرىدارنىڭ تەلىپى نىمە ؟ قانچە پۇللىقىغا چىقىش قىلالايدۇ ؟ بۇ ئەڭ مۇھىم ،
  يەنە سۈپەت مەسىلىسى يەتكۈزىلگەن كىشىگە يەتكۈزىلگىچە  چوقۇم يىڭى ئۈزگەندەك يەتكۈزىشكە كاپالەتلىك قىلىڭلار ،
   تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىڭلار ،تور تىلۋىزىيەدە ،يەنە ئوزىمىزنىڭ ھېيت -بايراملىرىدا  مۇكاپاتلىق پالىيەتلەرنى ئەپ بېرىش ئارقىلىق  ئۆزەڭلارنى تۇنۇتۇپ قويۇڭلار ،
يەنە چوڭ شىركەت ھۈكىمەت ئورگانلىرىنىڭ گۈلگە بولغان ئېھتىياجىنىمۇ ئويلىشىشىڭلارنىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن ،
 تور بېتىڭلارغا  قانداق گۈل ، يەنە قانداق رەڭدىكىسى ،گۇلنىڭ سانى ،نىمىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،مۇشۇمەسىلەرنىمۇ  يوللاپ قويساڭلار گۈلچىلىك تور بېتىڭلار نۇقسانسىز بوپ قالغۇسى ،
   يۇقىرىدا باشقىلار دەپ ئۈتۈپتۇ ،تورغا چىقارغان گۈلنىڭ سۈرىتىنىڭ  سۈزىكلىكىنى   يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرىشىڭلار ،
 ئاخىرىدا  سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئامەت ،كۈنلىرىڭلارغا خوشاللىق تىلەيمەن !
  يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ !
بېكەت باشلىقىنىڭ جاۋابى:
پائالىيتىمىزگە قاتناشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، سىزگە سالامەتلىك ، ئۇتۇق ۋە بەخىت يار بولغاي!
مەۋلان
ئىسمى:مەۋلان
Email : 18yax@18yax.com
QQ : 279655201
[ۋاقتى:2011-2-7 14:12:52]
تېمىسى:ياخشىمۇسىلەر
    
سىلەرنىڭ قاراشەردە ياكى كورلىدا گۈل يەتكۈزۈش ئورنىڭلار بامۇ ؟ مەن 18 ياش تورىدىن ، ھەمكارلىشىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەت كېتىدۇ .
بېكەت باشلىقىنىڭ جاۋابى:
1.بىزنىڭ كورلىدا گۈل يەتكۇزۇش ئورنىمىز بار ، مۇلازىمەت قىلىشقا تەيياربىز 
2. ھەمكارلىشىش ئۈچۈن سىزلەر بىكىتىڭلاردىن قايسى دەرىجىدىكى ئىلان ئورنى ئاجرىتىپ ، بۇ پائالىيتىمىزگە ھەمكارلاشساڭلار ، بىزمۇ بىكىتىمىزدىن مۇۋاپىق ئىلان ئورنى ئاجىرتىپ بىرىمىز . شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىن تور بىتىڭلار پائالىيەت ئۆتكۇزسە بىز گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش شەكلىدە پائالىيتىڭلارنى ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەمدە بولىمىز

قوشۇمچە :
1.ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىغانلىقىمىزنى كەچۇرۇڭ
2.گۈل يەتكۇزۇش دائىرىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
http://www.gulqi.biz/about/177.aspx
بىلىك تورى
ئىسمى:بىلىك تورى
Email : 123188023@qq.com
QQ : 123188023
[ۋاقتى:2011-2-6 17:52:33]
تېمىسى:توردا گۈلچىلىك قىلىش ھەققىدە تەكلىپ
    
ئەسسالامۇ ئەلەيۇكۈم،
بىر نەچچە تېمىدا تور سودىسى ھەققىدىكى سۆزلەر ئېلىنىپتۇ. گۈلچىلىكىڭلار ياخشى رۇناق تاپقاي، مەن بەك قوللايمەن.
مۇمكىن بولسا تۈۋەندىكى بىر نەچچە تەكلىپنى ئويلىشىپ باقساڭلار:
1. ھەرقايسى شەھەر ناھىيەلەردە مۇلازىمەت دائىرەڭلار بارلىقىنى مەسىلەن: گۈلنى دىگەن ۋاقىتتا يەتكۈزەلەيدىغان شەھەر،ناھىيەلەر تىزىملىكىنى تور بىكەتكە چىقىرىپ قۇيۇڭلار.
2. تور سودىسىدا ئەڭ مۇھىم نوقتا توردا پۇل تۆلەش ۋە سىلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجەڭلار. توردا پۇل تۆلەش بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۇلىمۇ قۇلايلىق.  مۇمكىن بولسا www.taobao.com تورىدا تور دۇككىنى تەسىس قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا توردا سودا قىلىشنى بىلىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار توردا بىۋاستە پۇل تۆلىيەلەيدۇ ھەم گۈللەرنىڭ شەكلىنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ.  تاۋباۋ دا دۇككان ئېچىش تۇلىمۇ قۇلاي. gulqi.taobao.com  شەكلىدە دۇككان ئېچىشقا بۇلىدۇ. ھەم ھەقسىز. بۇ تەكلىپنى چۇقۇم ئويلاشقان بولساڭلار، چۈنكى ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقان ۋە تۇرۋاتقان قېرىنداشلارغا بۇ ئىنتايىن قۇلاي.
3. تور سودا بىكەت سىستمىسى دىگەندەك پىروگىراممىلارنى ئىشىلتىش خىيالىڭلار بولسا بەك ئالدىراپ كەتمەڭلار. ياخشى تاللاش يەنىلا تاۋباۋدا تور دۇككىنى  تەسىس قىلىش. تاۋباۋ دا تور  دۇككىنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن ئاۋال تاۋباۋ غا ئەزا بۇلۇسىز.  ئاندىن پوچتا بانكىسىدىن تاۋباۋ يىشىل كارتىسى بىجىرىسىز. ئاندىن تاۋباۋ غا ئەزا بۇلۇپ، 支付宝 غا تىزىملاتقاندا پوچتا بانكىسى بىجىرگەندە ئىشلەتكەن ئىسىم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش شەكلىدە ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئاندىن  جەزىملىسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا دۇككان ئاچقىلى بۇلىدۇ. كىرىم چىقىم پۇللار بىۋاستە كارتىدا بۇلىدۇ.
بېكەت باشلىقىنىڭ جاۋابى:
پائالىيتىمىزگە قاتنىشىپ ، تەكلىپ - پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، سىزگە مۇۋاپپەقىيەت ، خۇشاللىق ۋە ئامەت تىلەيمىز . 
                                     ھۆرمەت بىلەن : ئەلچى گۈلچىلىكى
دىققەت :قۇيۇلغان * لىرى چۇقۇم تولدۇرىدىغان مەزمۇن !
* ئىسمى:
QQ :
Email :
باش سۈرىتى: 头像
* تېمىسى:
* مەزمۇنى:
powered by IlgharCMS 2.84 www.ilghar.cn