ئەلچى ئۇقتۇرۇشى

ئەلچى گۈل يەتكۇزۇش مۇلازىمەتچىلىگى دوستلارنىڭ سەممىي تەكلىپ - پىكىر بىرىشىنى ئۈمد قىلىدۇ.

يېڭى مەھسۇلاتلار

دوستانە ئۇلىنىش

ئەلچى ھەققىدە

گۈل -- قەلىبتىن قەلىبكە يول ئاچىدىغان «كۆڭۈل ئەلچىسى» . كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەملەرگە گۈل سوۋغا قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىپادىلەيدۇ ، دوسىت-بۇرادەرلىرى ، ئاتا-ئانا ، ئۇرۇق- تۇققانلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىغا گۈل سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدۇ، بەخىت تىلەكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر سىز يېقىدا بولسىڭىز گۈلنى ئۆز قولىڭىز بىلەن سوۋغا قلىماقچى بۇلغان ئادەمگە يەتكۈزۈپ ئۆز كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەرسىز! ئەمما يىراقتا بولسىڭىزچۇ؟ بەلكىم ئويلىغان بولسىڭىزمۇ، رايۇن، ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن  مۇنداق پۇرسەتكە نائىل بۇلالمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.

 ئەلچى گۈل يەتكۈزۈش مۇلازىمەتچىلىگى -دەل مۇشۇ خىل بوشلىقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇلۇپ، سىز دۇنيانىڭ قانداق جايىدا بۇلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر،«ئەلچى»ئارقىلىق كۆڭلىڭىزدىكى ئادەمگە گۈل سوۋغا قىلىپ، قەلىب ئىزھارىڭىزنى بايان قىلىش، ھال سوراش، ۋاپادارلىقىڭىزنى، مېھىر- مۇھەببىتىڭىزنى،دوستلىقىڭىزنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيسىز!

ئەلچى گۈل يەتكۈزۈش مۇلازىمەتچىلىگى-ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ، پۇتكۈل شىنجاڭ بويىنچە تورلاشقان گۈل يەتكۈزۈش تورىنى شەكىللەندۇرگەن بۇلۇپ، سىز تىلفۇن،ئېلخەت،ياكى مۇڭداشقۇ ئارقىلق بىزنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسىڭىزلا، سىز ئۈچۈن ئەڭ تىز سۇرئەتتە گۈلگە قېتىلغان قەلىب ئىزھارىڭىزنى دەل ۋاقتىدا قارشى تەرەپكە يەتكۈزىمىز!

ئەلچى گۈل يەتكۈزۈش مۇلازىمەتچىلگى-«ئەڭ تىز سۇرئەت، ئەڭ ياخشى سۇپەت،ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت»دېگەن شۇئار ئاستىدا، «ئەلچى»بىلەن ئالاقلاشقان ھەر بىر كىشىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر بىلەن بىزەشكە تىرىشىدۇ.

«گۈل دېگەن ئۇ كۆڭۈل».«ئەلچى گۈل يەتكۈزۈش مۇلازىمەتچىلىگى»سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئېلىپ،زامان، ماكان تۇسۇقلىرىدىن ھالقىپ،سىز ئۈچۈن ھەقىقىي «ئەلچىلىك»رولىنى ئويناش ئۈچۈن تىرىشدۇ!!!

يېڭى بىلدۈرمىلەر

تەۋسىيەلىك مەھسۇلاتلار

新ICP备10002180号 powered by IlgharCMS 2.84 www.ilghar.cn